باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىمدىكى دوستلۇققا دائىر ئايەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-15   

مۇھەممەد ئىمىن قارى ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

دوستلۇق ئاللاھ تائالانىڭ بىز بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ياخشىلىق، پاكلىق، سېخىيلىق، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇ، سەۋر-چىداشچانلىق، غەيرەت-شىجائەت، ئىرادە، ئادالەتپەرۋەرلىك، ساداقەتمەنلىك، ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق، مەردانىلىك، باتۇرلۇق... قاتارلىق روھىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. دوستلۇق ئاشۇ ئېسىل نېمەتلەر بىلەن بىرگە كىشىلەر ئارىسىدا يېقىنلىق پەيدا قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا چۈشىنىش مۇھىتى يارىتىپ، ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ مەنە-لەززىتىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. دوستلۇقسىز ھايات ۋە تۇرمۇشنى مول مەنەگە، ھۇزۇر-ھالاۋەتكە، گۈزەللىككە ۋە مۇكەممەللىككە ئېرىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

دوستلۇق كەلىمەسى گىرامماتىكىلىق مەنە جەھەتتىن ئاللاھ تائالا ياراتقان ئاشۇ ئېسىل روھىي نېمەتنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلسە، دوستلۇق ئورناتقۇچى، دوستلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۆزئارا مۇناسىۋەتنىڭ ھالىتى ۋە دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۆزئارا مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسى يات، ناتونۇش، تونۇش، يۇرتداش، زۇۋانداش، يولداش، ساۋاقداش، سەپداش...دېگەندەك ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مۇناسىۋەت دەرىجىسى ئاشۇ ھالەتلەردىن ھالقىپ دىلداش، قەلبداش، سىرداش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلسە، مۇناسىۋەت ئورناتقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا دوستقا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە يۈكسەك پەللىسىدۇر. بۇ چاغدا مۇناسىۋەت ئورناتقۇچى ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە نىسبەتەن دوست دەپ ئاتىلىدۇ. دوست دېمەك، مىجەز-خۇلقلىرى كېلىشكۈچى، نىيەت-مەقسەتلىرى بىردەك بولغۇچى، بىر–بىرىنى باراۋەر كۆرگۈچى، قايغۇ-شادلىقتا ئورتاقلاشقۇچى، كېڭىشىپ ئىش قىلغۇچى، ئۆزئارا ياردەملەشكۈچى، ئەھدە-پەرمانلارغا رىئايە قىلغۇچى دېمەكتۇر. بۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

مانا شۇ دوست كەلىمەسى ۋە دوستلۇق مەسىلىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تەرىپىدىن 50 قېتىمدىن كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يۈكسەك كەمتەرلىكى بىلەن ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچى، سەجدە قىلغۇچى، تېۋىنغۇچى، بويسۇنغۇچى، تەۋەككۈل قىلغۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، تەقۋادارلىق قىلغۇچى، ئاللاھنىڭ يولىدا ياخشىلىق قىلغۇچى، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگۈچى، ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بەندىلەرنى تولىمۇ يېقىنچىلىق بىلەن ئۆزىگە دوست ھېسابلايدۇ. دوستلۇقى بىلەن ئىلھاملاندۇرىدۇ. تۇزكور گۇناھكارلارنى، زالىملارنى، خىيانەتكە ئادەتلەنگۈچىلەرنى، چەكتىن ئاشقۇچىلارنى، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى، كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى، ھاكاۋۇر، ماختانچاقلارنى، مۇتەكەببىرلەرنى، زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتماسلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇئمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيانى، مالنى، پۇل-پېچەكنى، دۈشمەنلەرنى، ناپاكلارنى، ئىككىلەنگۈچىلەرنى دوست تۇتماسلىققا چاقىرىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ ”دوست“لۇققا تۇتقان پوزىتسىيەسى بولۇشلۇق(...دوست تۇتىدۇ)، بولۇشسىز(...دوست تۇتمايدۇ) ۋە چاقىرىق(...دوست تۇتماڭلار ۋە دوست تۇتقىن)دىن ئىبارەت ئۈچ خىل جۈملە شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، قىسقا ۋە ئىخچاملىق، مەنىسىنىڭ روشەنلىكى بىلەن ئىلاھىي پاساھەتنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە ئاشۇ گۈزەل جۈملىلەرنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.

بولۇشلۇق جۈملە شەكلىدە كەلگەن ئايەتلەر

1.”ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 195-ئايەت{.

2.”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 222-ئايەت}.

3.”ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 222-ئايەت}.

4.”ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 31-ئايەت}.

5.”ئاللاھ ئەنە شۇنداق تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 76-ئايەت}.

6.”ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 148-ئايەت}.

7.”ئاللاھ چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 146-ئايەت}.

8.”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 159-ئايەت}.

9.”ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە «مائىدە»(5-سۈرە)، 42-ئايەت}.

10.”ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 93-ئايەت}.

بولۇشسىز جۈملە شەكلىدە كەلگەن ئايەتلەر

1.”تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 190-ئايەت}.

2.”ئاللاھ ھەرقانداق تۇزكور گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 276-ئايەت}.

3.”ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 57-ئايەت}.

4.”خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان كىشىنى ئاللاھ جەزمەن دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 107-ئايەت}.

5.”ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 87-ئايەت}.

6.”ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 76-ئايەت}.

7.”ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}.

8.”ئاللاھ ھەقىقەتەن ماختانچاق ھاكاۋۇرلارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 18-ئايەت}.

9.”ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 40-ئايەت}.

10.”ئاللاھ ماختانچاق مۇتەكەببىرلەرنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«ھەدىد»(57-سۈرە)، 23-ئايەت}.

بۇ يەردە سەھىپە ئېتىبارى بىلەن چاقىرىق جۈملە شەكلىدە كەلگەن ئايەتتىن بىرنىلا نەقىل ئالىمىز.

1.”ئەپۇنى دوست تۇتقىن“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 199-ئايەت}.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا قۇرئان كەرىمنىڭ يەنە نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ”دوست“ كەلىمەسى تىلغا ئېلىنغان.

بىز قۇرئان كەرىمدىكى ”دوست“ سۆزى تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى ئايەتلەرنى كۆرۈپ شۇنى بىلىمىزكى، ئادەمنى ۋە ئادەم ئەۋلادلىرىنى ياراتقان ۋە ئۇلارنى لۇتفى كەرىمى بىلەن رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالا ئۆز ياراتمىسى بولغان بەندىلىرىگە ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر. بەندىلەر توغرا يولدا بولسىلا، پاك، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ياخشى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بېرىدىغان، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغان، ئادىل، تەقۋادار ۋە بىلىپ-بىلمەي، ئاڭلىق-ئاڭسىز، ئىختىيارەن ياكى مەجبۇرىي سادىر قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىغان بولسىلا ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتۇشنى خالايدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ بىرەر بەندىسىنى دوست تۇتسا، جىبرىئىلنى توۋلاپ، ئاللاھ پالانى كىشىنى دوست تۇتىدۇ، سەنمۇ ئونى دوست تۇتقىن دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل ئۇنى دوست تۇتىدۇ. جىبرىئىل ئاسماندىكىلەرنى توۋلاپ، ئاللاھ پالانى ئادەمنى دوست تۇتىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنى دوست تۇتۇڭلار دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاسماندىكىلەرمۇ دوست تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زېمىندىكىلەر دوست تۇتىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). روشەنكى، ئاللاھنىڭ دوستى ئاسمان-زېمىندىكى بارچە مەخلۇقاتنىڭ دوستىدۇر.

ئىنسانىي مەنتىقە بويىچە بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۆز ئۇلۇغۋارلىقى بىلەن ياراتقان تالاي ياراتمىشلارنىڭ پەقەت بىرىلا بولغان ئادەم ئەۋلادلىرىنى خەلق ئەتسىلا، بەندەم دەپ ھېسابلىسىلا، ئۇنى ئەل قاتارى شەپقەت-مېھرىبانلىقتىن بەھرىمەن قىلسىلا، بۇ كاتتا رەھمەت، كاتتا ئىنئام، كاتتا مۇكاپات ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلاردىن ھالقىپ، ئۇلارنى دوست تۇتسا، بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىنچىلىقنى قايسى ئېسىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيمىز؟ بەرھەقكى، ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.

قۇرئان كەرىمدىكى ”دوست“ كەلىمەسى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن كۆپرەك ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. پاكلىق، سېخىيلىق، ۋاپادارلىق، تەقۋادارلىق، سەۋر-چىداشچانلىق، ياخشىلىق، ئادىللىق، ساداقەتمەنلىك... قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ بىرەرسىدە كامالەت ھاسىل قىلغان مۇئمىن ئاللاھنىڭ دوستى بولۇشقا شەرت ھازىرلىغان بەندە بولالايدۇ. تۇزكورلۇق، خىيانەتكارلىق، چەكتىن ئېشىش، كۆرەڭلەش، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، زالىملىق، تاجاۋۇزچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق پەس-يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بىرەرسىدە بولغانلار بولسا ئاللاھنىڭ نەزەرىدىن چۈشكەن، ئاللاھنىڭ دوستلۇقىدىن مەھرۇم قالغۇچىلاردۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، ئەخلاق ئادەمنىڭ زىننىتى، ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تۈپ ئامىل. ئاللاھ تائالانىڭ ئەخلاقلىقلارنى دوست تۇتۇپ، ئەخلاقسىزلارنى دوست تۇتماسلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ: ”مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“(مالىك رىۋايەت قىلغان)؛ ”ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”قىيامەتتە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلىرىڭلاردۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن مەشھۇر ھەدىسلەرنى ئەسكە سالىدۇ. شۇنداقلا بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاقلىق بەندىلەردىن بولۇشقا ئۈندەيدۇ. روشەنكى، ئاللاھنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئەخلاققا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

ھەممىگە مەلۇم، دوستلۇق — دوستلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. بىر تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئىككىنچى تەرەپنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىلا بۇ مۇناسىۋەتنى روياپقا چىقىرالايدۇ ۋە  مۇستەھكەملەيدۇ. ئەكسىچە، بىر تەرەپ تەشەببۇسكار بولغان ھالەتتىمۇ ئىككىنچى تەرەپ ئاكتىپ بولمىسا، دوستلۇقنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكىنىگە لايىق بىز مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ دوستلۇق تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىمىز، ئاللاھ بۇيرۇغاننى، ئاللاھ ياقتۇرغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، ئاللاھ چەكلىگەنلەردىن، ئاللاھ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا ئاللاھنىڭ دوستى بولۇشقا لايىقلىشالايمىز ۋە ئاللاھنىڭ دوستلۇقىدىن ئۈمىدلىنەلەيمىز. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىپ دوستلىرى قاتارىدىن قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر