باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

سۈرە«قەدر»نىڭ قىسقىچە تەپسىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-01   

شىھابىدىن ئابدۇلئەھەد

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ (1) وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ (2) لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ (3) تَنَزَّلُ الْمَلائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ (4) سَلامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ(5)

بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ قەدر كېچىسى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن، (شۇ يىللىق تەقدىر قىلىنغان) تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغىچە(پەرىشتىلەر مۇئمىنلەرگە قىلغان) سالام بىلەن تولغان كېچە بولىدۇ.

سۈرە«قەدر» ھەققىدە

سۈرە«قەدر» بەش ئايەت، مەككەدە نازىل بولغان. بۇ سۈرىنى كىشىلەر ئادەتتە كۆپ ئوقۇيدۇ. بۇنداق بولۇشى، بىرىنچىدىن، بۇ سۈرىنىڭ قىسقىلىقىدىن بولغان؛ ئىككىنچىدىن، بۇ سۈرىنىڭ قەدرى كېچىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بولغان. چۈنكى، كىشىلەر مەيلى ماھىيەتلىك، مەيلى ئىستىخىيەلىك ھالدا بولسۇن، قەدرى كېچىسىنى ناھايىتى ئۇلۇغلايدۇ.

ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى، شەرىئەتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئاساسى، كائىناتتىن ئىبارەت چوڭ كىتابنىڭ يەشمىسى، ئىلىم-ھېكمەت بۇلىقى بولغان قۇرئان كەرىم  پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى كۇفرى زۇلمىتىدىن ئىمان نۇرىغا، جاھالەت تۇمانلىرىدىن مەرىپەت يورۇقلۇقىغا، قالاقلىق ئاسارىتىدىن ئىلغارلىق ھۆررىيىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابىدۇر.

سۈرە«قەدر» ئىنسانىيەت تەقەززا بولغان ۋە تەلپۈنگەن ھەقىقەت ۋە مەرىپەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس كىتاب  قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق نازىل بولغانلىقى، بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئادەتتىكى مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان كېچە  قەدرى كېچىسىدە تۆۋەنكى ئاسمانغا، يەنى دۇنيا ئاسمىنىغا بىر يولىلا نازىل بولغانلىقى، شۇ كېچىدىن باشلاپ قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر خىل ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا پارچە-پارچە نازىل بولۇشقا باشلاپ 23 يىلدا تامام بولغانلىقى، قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەرنىڭ، شۇنداقلا ۋەھيى ئەلچىسى  جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقى، بۇ كېچىنىڭ تاڭ يورۇغانغا قەدەر تىپ-تىنچ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر جەرياننى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

بۇ ”سۈرە يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر... “{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 44-ئايەت} دېگەندەك بارچە تىرىك قەلب ئىگىسى پۈتۈن كائىناتتىكى بارچە نەرسىلەرگە جۆر بولۇپ خۇشاللىق، ئىنتىلىش ۋە ئىلتىجا ئىچىدە ئىستىقامەت قىلىپ خاتىرىلەيدىغان، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئالاقىسى ئېچىۋېتىلگەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتى پۈتۈن ئالەمنى قاپلىغان، ماھىيەت بۈيۈكلۈكى، ئىپادىلەش يۈكسەكلىكى، كىشىلىك ھاياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردە كائىنات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان كىتاب  قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ۋە چەكسىز ۋاقىتنىڭ ئاشۇ كىتاب نازىل بولغان ئەڭ خاسىيەتلىك ھالقىسى بولغان كېچە  قەدرى كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىنسانىيەتكە جاكارلىغان ياخشىلىق، رەھمەت ۋە بەرىكەت سۈرىسىدۇر.

سۈرە«قەدر»نىڭ خاسىيىتى

بۇ سۈرىدە زىكرى قىلىنغان شەرەپلىك ئىشلارنىڭ مۇشۇ سۈرىدە زىكرى قىلىنىشىنىڭ ئۆزى بىر خاسىيەت. چۈنكى، بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت مۇقەددەس كىتابنىڭ نازىل بولۇشى، قانداق نازىل بولۇشى ۋە قەدرى كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئىشلارنى بايان قىلغان.

سۈرە«قەدر»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى

بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى قەدرى كېچىسىدە نازىل قىلغانلىقى، قەدرى كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكى، يەنى بۇ كېچىدە پەرىشتىلەرنىڭ، جۈملىدىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقى، قەدرى كېچىسىنىڭ تاڭ يورۇغانغا قەدەر تىنچلىق، خاتىرجەملىك كېچىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

سۈرە«قەدر»نىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرى

1.قەدرى. مەنىسى: شەرەپ، پەزىلەت، خاسىيەت، قىممەتلىك، قەدىرلىك. بۇ سۈرە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس كىتابلىرىدا «قەدر» سۈرىسى، دەپ ئاتالغان. چۈنكى، بۇ سۈرىدە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى، بولۇپمۇ قەدرى كېچىسىدە نازىل بولغانلىقى قەدىرلىك، يەنى شەرەپلىك ئىش، دەپ زىكرى قىلىنغان.

2.لەيلەتۇل-قەدرى. مەنىسى: قەدرى كېچىسى، شەرەپ كېچىسى، پەزىلەت كېچىسى، خاسىيەت كېچىسى، قىممەتلىك كېچە، قەدىرلىك كېچە. بۇ سۈرىنى تەپسىرشۇناسلاردىن ئىبنى ئەتىييە ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە، ئەبۇ بەكرى جەسساس «ئەھكامۇلقۇرئان»دا: «لەيلەتۇلقەدر»(قەدرى كېچىسى) سۈرىسى دەپ ئاتىغان. چۈنكى، بۇ سۈرىدە قەدرى كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

سۈرە«قەدر»نىڭ تەپسىرى

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ“(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)نىڭ تەپسىرى سۈرە«فاتىھە»نىڭ تەپسىرىدە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە بېرىلمىدى.

إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْر“(بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق)نىڭ تەپسىرى

(بۇ ئايەتتىكى ”قۇرئان“ سۆزىنى بۇ ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ سۆز بۇ ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىدە ئىسىم شەكلىدە ئەمەس، ئالماش شەكلىدە كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرچىغا ”ئۇنى“ دېمەي ”قۇرئاننى“ دەپ تەرجىمە قىلىنغان).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ”بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق“ دەپ كۆپلۈك شەكىلدە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەزىمىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئىپادىلىگەن. چۈنكى، ئاللاھ تائالادىن كاتتا ھېچقانداق ھەقىقىي كاتتىلىق ئىگىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئاللاھ تائالا گاھىدا ئۆزىنى ”بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق“{سۈرە«قەدر»(97-سۈرە)، 1-ئايەت}؛ ”قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز“{سۈرە«ھىجر»(15-سۈرە)، 9-ئايەت}؛ ”بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ(ياخشى-يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىزنالىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز“{سۈرە«ياسىن»(36-سۈرە)، 12-ئايەت} دېگەن ئايەتلەردىكىدەك ئەزىمەت ۋە كاتتىلىقنى ئىپادىلەيدىغان كۆپلۈك شەكىلدە زىكرى قىلىدۇ. گاھىدا ئۆزىنى ”مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق، ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن“{سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 14-ئايەت}؛ ”ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن“{سۈرە«نەمل»(27-سۈرە)، 9-ئايەت} دېگەن ئايەتلەردىكىدەك يەككە-يېگانىلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىك شەكلىدە كەلتۈرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا يەككە-يېگانىدۇر. ئاللاھ تائالا سۈپەت، يەنى كاتتىلىق ئېتىبارى بىلەن ئۆزىنى كۆپلۈك شەكلىدە زىكرى قىلىدۇ؛ يەككە-يېگانىلىق ئېتىبارى بىلەن ئۆزىنى بىرلىك شەكلىدە زىكرى قىلىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى ”قەدرى“ سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە بىر بۆلۈك ئالىملار ”قەدرى“ دېگەن ”شەرەپ“ دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى شەرەپلىك ئىش، قەدرى كېچىسىدە ئىبادەت قىلىش خاسىيەتلىك ئىش. ئۇلار بۇ قارىشىنى ”قەدر كېچىسى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر“{سۈرە«قەدر»(97-سۈرە)، 2-ئايەت} دېگەن ئايەت بىلەن دەلىللەيدۇ؛ يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار ”قەدرى“نىڭ مەنىسى ”تەقدىر“ دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇ كېچىدە بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىشلار تەقدىر قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ قارىشىنى ”بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇرمىز. ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ“{سۈرە«دۇخان»(44-سۈرە)، 34-ئايەتلەر} دېگەن ئايەتلەر بىلەن دەلىللەيدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ”قەدرى“ سۆزى يۇقىرىقى ئىككى خىل مەنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىشى شەرەپلىك ئىشتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدرى كېچىسىدە نازىل قىلىنىشى تېخىمۇ شەرەپلىك ئىشتۇر، بۇ كېچىدە پەرىشتىلەرنىڭ، جۈملىدىن جىبرىئىلنىڭ چۈشۈشىمۇ ئەلۋەتتە شەرەپلىك ئىشتۇر. شۇڭا، بىر بۆلۈك ئالىملار يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ”قەدرى“نىڭ مەنىسى ”شەرەپ“ دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان؛ قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلار ئۈچۈن چۈشۈشى، شۇنداقلا بۇ كېچىدە بەندىلەرنىڭ ئەجىلى، رىزقى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈلىدىغانلىقى تەقدىردۇر. شۇڭا، يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ”قەدرى“نىڭ مەنىسى ”تەقدىر“ دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان.

”بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق“{سۈرە«قەدر»(97-سۈرە)، 1-ئايەت}؛ ”(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر...“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە) 185-ئايەت} دېگەن ئايەتلەر بىلەن ”ئاللاھ قۇرئاننى لەۋھۇلمەھپۇزدا دۇنيا ئاسمىنىدىكى بەيتۇل-ئىززەتكە چۈشۈرگەن، ئاندىن 23 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پارچە-پارچە چۈشۈرگەن“[ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ سۆزى(ھاكىم رىۋايەت قىلغان)] دېگەن ئەسەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلساق، قۇرئاننى نازىل قىلىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالالايمىز. قۇرئاننى نازىل قىلىشنىڭ مەنىسى: بىرىنچىدىن، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر يولىلا تۆۋەنكى ئاسمانغا نازىل قىلىنغانلىقىنى، قەدرى كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، قۇرئان كەرىمنىڭ قەدرى كېچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْر“(قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟)نىڭ تەپسىرى

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە قۇرئان كەرىمنى لەۋھۇلمەھپۇزدىن تۆۋەنكى ئاسمانغا بىر يولىلا نازىل قىلغانلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنى قەدرى كېچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىشقا باشلاپ 23 يىل جەريانىدا پارچە-پارچە نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بولۇپلا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشقا تاللىغان ۋاقىت  قەدرى كېچىسىنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاپ: ”قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟“ دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سوئال تاشلايدۇ. بۇ خىل جۈملە شەكلى ئادەتتە سۆزنىڭ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇب قۇرئان كەرىمدە باشتىن-ئاخىر ئومۇملاشقان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى مېتودىنى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى جىپسىلىق ۋە رەڭدارلىقىنى كۈچەيتكەن. مەسىلەن: ”سەن چوقۇم بولىدىغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟“{سۈرە«ھاققە»(69-سۈرە)، 3-ئايەت}؛ ”سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟“{سۈرە«مۇددەسسىر»(74-سۈرە)، 27-ئايەت}؛ ”سەن تۈندە چاقنىغۇچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن“{سۈرە«تارىق»(86-سۈرە)، 2-ئايەت}. مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالا ئاۋۋال ئۆزى سوئال قويۇپ ئاندىن ئۆزى جاۋاب بەرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن قەدرى كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى ئاللاھ دەپ بەرمىسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن جۈملىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قەدرى كېچىسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، پەزلى-خاسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە نامايان قىلىش مەقسىتىدە ”قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟“ دېيىش ئارقىلىق ئىككىنچى شەخس  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى بۇ كېچىنىڭ ھەرقانداق شەيئىدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قارىتىشقا ئۈندەيدۇ.

سەھىھ مەنبەلەردە قەدرى كېچىسىنىڭ ۋاقتى ھەققىدە ”قەدرى كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدىن ئىزدەڭلار“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”قەدرى كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”كىمكى قەدرى كېچىسىنى تاپماقچى بولسا ، ئۇنى ئاخىرقى يەتتىسىدىن ئىزدىسۇن“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”قەدرى كېچىسى 27-كېچىسىدۇر“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) دېگەنگە ئوخشاش ھەدىسلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. قەدرى كېچىسى ۋاقتىنىڭ بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەسلىكى ئاللاھ تائالانىڭ قەدرى كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى بەندىلىرىدىن ئۇلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ بارلىق كېچىلىرىدە قەدرى كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئىبادەتلەردە كامالىي رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن مەخپىي تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ“(قەدر كېچىسى‹شەرەپ ۋە پەزىلەتتە› مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر)نىڭ تەپسىرى

بۇ جۈملە ئىلگىرىكى سوراق جۈملىنىڭ جاۋابى بولۇپ كەلگەن. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە: ”قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟“ دەپ سوئال قويۇپ، ئۆزى بۇ ئايەتتە: ”قەدر كېچىسى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر“ دەپ جاۋاب بەرگەن. قەدرى كېچىسى قەدرى كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك. بۇ يەردىكى ئۇلۇغلۇق ۋە خاسىيەت قەدرى كېچىسىدە قىلغان ئەمەلنىڭ ساۋابىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بۇ كېچىدە مۇشۇ ئۈممەتكە ياغدۇرىدىغان ياخشىلىق ۋە بەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نۇقتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”كىمكى قەدرى كېچىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ساۋابىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسىنى بىلدۈرگەن ھالدا ناماز(تەراۋىھ) ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قەدرى كېچىسىنىڭ مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تەپسىرشۇناس سەييىد تەنتاۋى «ئەل-ۋەسىت» دېگەن تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ۋە ئەڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ كېچىدە نازىل قىلىنىشى، بەندىلەرنىڭ بۇ كېچىدە ئەڭ كۆپ ساۋابقا ئېرىشىشى، شۇنداقلا بۇ كېچىنىڭ قەدرى كېچىسى كەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئايلاردا قىلىنغان ئىبادەتلەردىن پەزىلەت جەھەتتە ئارتۇق بولغانلىقى قەدرى كېچىسىنىڭ مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. گاھىدا ئاز ئەمەل كۆپ ئەمەلدىن زامان ۋە ماكان، سەمىمىي نىيەت، دۇرۇس ئادا قىلىش ئېتىبارى بىلەن ئارتۇق بولىدۇ. بەزى زامان، ماكان ۋە شەخسلەرنى ئالاھىدە پەزىلەتلەر بىلەن ئارتۇق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر، ئەلۋەتتە!

قەدرى كېچىسىنىڭ مىڭ ئايدىن ياخشى بولۇشى پەقەت قۇرئان كەرىم چۈشكەن تۇنجى كېچىدىلا بولغان ئىش ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا بىر قېتىمدىن بولىدىغان ئىش. ”قەدر كېچىسى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر“ دېگەن ئايەتتە ”مىڭ“ دېگەن ساننى زىكرى قىلىشتا مىڭنىڭ ئۆزى مەقسەت بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەرھالدا بۇ يەردىكى مەقسەت بۇ كېچىدە ئېرىشكەن ئەڭ ئاز ساۋابنىڭ سانى مۇشۇ سان، يەنى مىڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بۇ كېچە بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى — 83 يىل 3 ئاي 3 كۈن 3 سائەتتىن ئارتۇق بولغان بولىدۇ؛ بۇ يەردىكى مەقسەت ناھايىتى كۆپلۈكنى ئىپادىلەش بولغاندا، قەدرى كېچىسى ئۇزۇن-ئۇزۇن زاماندىن، جىمى ۋاقىتتىن ئارتۇق بولغان بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ئارتۇق دېگەندىن ھەرگىزمۇ بىر يىل ھېچقانداق ئەمەل قىلماي قەدرى كېچىسىدە ناماز ئوقۇپ، قۇرئان ئوقۇپ، تەسبىھ ئېيتىپ ئاللاھنى مەدھىيەلەپ بىدار تۇرسا مىڭ ئايلىق ساۋابقا ئېرىشىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. قەدرى كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق كۈندە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پەرز، سۈننەت ئەمەللەر بار. ھەر كۈنى چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش شەرتى ئاستىدا ئاندىن قەدرى كېچىسىنى ئىزدىسە ھەم شۇ كېچىنى تاپالىسا ئاندىن مىڭ ئايدا قىلغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىدىن ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى شۇ كېچىسى نەپلە ئىبادەت قىلىپ ئېرىشىدىغان شەرەپ، پەزىلەت جەھەتتىكى ئارتۇقلۇقتۇر. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت(سۈننىتى) دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن سۆزىنىڭ روھىغا قارىغاندا، قەدرى كېچىسىدە ئىبادەت قىلىش ھەر كۈنى پەرز ۋە سۈننەت نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلغانغا ھەرگىز يەتمەيدۇ. كېچىسى قەدرى كېچىسىنى تاپىمەن، دەپ كېچىچە ئۇخلىماي سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ ھەم سۇھۇرلۇقتىن، ھەم ناماز بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇشتىن قۇرۇق قالسا، ئۇ ئادەم قەدرى كېچىسىنى تاپمىغان بولىدۇ.

دېمەك، قەدرى كېچىسىنى تاپتىم، مىڭ ئايلىق ساۋابقا ئېرىشتىم، دەپ باشقا كۈنلەردە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پەرز، سۈننەت ۋە تەكىتلەنگەن سۈننەتلەرنى ئادا قىلماي، قەدرى كېچىسىنىڭ ساۋابىنى باشقا كۈنلەرگە چېچىشقا بولمايدۇ، يەنى ئىبادەت قىلىشتا قەدرى كېچىسى قىلغان ئىبادەتلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابلارغا يۆلىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. قەدرى كېچىسىگە مۇۋەپپەق بولۇشتا ئەلۋەتتە پەرز، سۈننەت ۋە تەكىتلەنگەن سۈننەتلەرنى بەجانىدىل ئادا قىلىش شەرت قىلىنىدۇ.

تَنَزَّلُ الْمَلائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ“(پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن، ‹شۇ يىللىق تەقدىر قىلىنغان› تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ)نىڭ تەپسىرى

ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا قەدرى كېچىسىنىڭ قەدرى كېچىسى كەلمەيدىغان مىڭ ئايدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاندىن بۇ ئايەتتە ”پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن، (شۇ يىللىق تەقدىر قىلىنغان) تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ“ دەپ، بۇ كېچىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، يەنى بۇ كېچىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايان قىلغان. پەرىشتىلەر بۇ كېچىدە بىر-بىرلەپ، تەدرىجىي چۈشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاسمان ئەھلىدۇر، ئاسمان يەتتە قاتتۇر. شۇڭا، پەرىشتىلەر ھەربىر ئاسمانغا بىر-بىرلەپ چۈشۈپ ئاخىرىدا زېمىننى قاپلايدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ زېمىنغا چۈشۈشى رەھمەت، ياخشىلىق ۋە بەرىكەتنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭا، پەرىشتىلەر كىرمەيدىغان ئورۇنلار رەھمەتتىن خالىي قالىدۇ.

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ”جىبرىئىل“ ۋەھيى ئەلچىسى بولغان پەرىشتىنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇنىڭ نامىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ شەرىپىنى، مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلغانلىقىدىندۇر. ”ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن...“ دېگەن جۈملە پەرىشتىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ”ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 50-ئايەت} دېگەن ئايەتتە دېيىلگىنىدەك ئۇلارنىڭ نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. پەرىشتىلەر ”(شۇ يىللىق تەقدىر قىلىنغان) تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ“ دېگەن جۈملە پەرىشتىلەرنىڭ يەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلارنى ئورۇنلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى پەقەت مۇشۇ كېچىدىلا بەلگىلىنىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى، تەقدىرىنى، قۇدرەت كامالىنى مۇشۇ كېچىدە پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈپ قويغانلىقىدۇر.

سَلامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ“(شۇ كېچە تاڭ يورۇغىچە(پەرىشتىلەر مۇئمىنلەرگە قىلغان) سالام بىلەن تولغان كېچە بولىدۇ)نىڭ تەپسىرى

بۇ سۈرىنىڭ 3-ئايىتىدىن باشلاپ ئاللاھ تائالا قەدرى كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قەدرى كېچىسىنىڭ مىڭ ئايدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ كېچىدە پەرىشتىلەرنىڭ، جۈملىدىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، 5-ئايىتىگە كەلگەندىمۇ يەنە ئاشۇ كېچىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنى ”شۇ كېچە تاڭ يورۇغىچە(پەرىشتىلەر مۇئمىنلەرگە قىلغان) سالام بىلەن تولغان كېچە بولىدۇ“ دەپ بايان قىلىدۇ.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا قەدرى كېچىسىنىڭ كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تىنچ-ئامانلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، قەدرى كېچىسىنى تىنچ-ئامانلىق بىلەن خاراكتېرلەيدۇ. چۈنكى، بۇ كېچىدە نۇرغۇنلىغان ئىنسان ئەۋلادى گۇناھى مەئسىيەت ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن ئامان قالىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمكى قەدرى كېچىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ساۋابىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسىنى بىلدۈرگەن ھالدا ناماز(تەراۋىھ) ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. گۇناھنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ ھالاكەتلىك ئاقىۋىتى ۋە دەھشەتلىك ئازابىدىن ئامان قالىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. پەرىشتىلەر بۇ كېچىدە تاڭ يورۇغانغا قەدەر چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك تىنچ-ئامانلىقمۇ بۇ كېچىدە تاڭ يورۇغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. داڭلىق تەپسىرشۇناسلاردىن مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ ”ئۇ كېچە تىنچ كېچە، ئۇ كېچىدە شەيتان بىرەر يامانلىقنىمۇ قىلالمايدۇ ۋە بىرەر ئەزىيەتلىك ئىشنىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ“(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان)؛ شەئبى رەھىمەھۇللاھ ”ئۇ(تىنچ -ئامانلىق) پەرىشتىلەرنىڭ قەدرى كېچىسىدە مەسچىتلەر ئەھلىگە سالام بېرىشىدۇر“(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) دەيدۇ.

سۈرە«قەدر»دىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە مەسىلىلەر

1.ئاللاھ تائالانىڭ قەدرى كېچىسىدە قۇرئان كەرىمنى لەۋھۇلمەھپۇزدىن تۆۋەنكى ئاسمانغا بىر يولىلا چۈشۈرگەنلىكى؛

2.ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى تۆۋەنكى ئاسماندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا 23 يىل مۇددەت ئىچىدە ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا پارچە-پارچە بۆلۈپ نازىل قىلغانلىقى؛

3.قەدرى كېچىسىنىڭ ناھايىتى خاسىيەتلىك كېچە ئىكەنلىكى؛

4.قەدرى كېچىسىنىڭ شەرەپ ۋە پەزىلەت جەھەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى؛

5.قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەرنىڭ، جۈملىدىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەنكى ئاسمانغا ۋە زېمىنغا ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەلگىلەنگەن ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقى؛

6.قەدرى كېچىسىنىڭ كۈن پاتقاندىن تارتىپ، تاڭ يورۇغۇچە تىنچ-ئامان بولىدىغانلىقى، يەنى بۇ كېچىدە شەيتاننىڭ ھېچقانداق يامانلىقنى قىلالمايدىغانلىقى؛

7.ئاللاھ تائالانىڭ بەزى ۋاقىت، بەزى جايلار ۋە بەزى شەخسلەرنى ئالاھىدە پەزىلەتلەر بىلەن خاسىيەتلىك ۋە پەزىلەتلىك قىلىدىغانلىقى.

تۈگەنچە

سۈرە«قەدر»نى ھۇزۇرى قەلب ۋە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇغان كىشى بۇ سۈرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى قىسقا، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۈرىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سۈرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن يارىتىلغان ھەقىقەت كىتابى، ئىنسانىيەتنى كۇفرى زۇلمىتىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان مەرىپەت كىتابى، كىشىلەرنى ئازغۇنلارنىڭ يولىدىن ئىنئام قىلىنغانلارنىڭ يولىغا باشلاش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ھىدايەت كىتابى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر كىتابنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق ئىشنىڭ دەل مىڭ ئايدىن، بىر ئادەمگە نىسبەتەن شۇ ئادەمنىڭ ئۆمرىدىن ۋە ئۆمرىدە قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرىدىن ۋە ناھايىتى ئۇزۇن زاماندىن ئارتۇق بولىدىغان خاسىيەتلىك بىر كېچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىدا، تولۇپ تاشقان چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن قۇرئان كەرىم چۈشكەن ئاشۇ مۇبارەك كېچىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ ۋە بۇ كېچىنى پۈتۈن كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ تەسبىھ-مەدھىيەلىرىگە تەڭكەش قىلىپ ئاللاھقا تەسبىھ ۋە مەدھىيە ئېيتىپ خاتىرىلەيدۇ. مۇشۇنداق ھېسسىيات بىلەن بارلىق شەيتانىي خىياللار ۋە ئەمەللەردىن بۇرۇلۇپ مۇشۇ كېچىدە چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەت كىتابىغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. پەزىلەت ۋە خاسىيەت جەھەتتە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرىدىغان، پۈتۈنلەي تىنچلىققا تولغان، شەيتانلار ھېچقانداق يامانلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان مۇشۇ كېچىدە ئاللاھقا ھۇزۇرى قەلب بىلەن يېقىنلىشىپ، بۇ بىر كېچىنىڭ ياخشىلىقىنى بىر يىلنىڭ قالغان كۈن-تۈنلىرىگە مەھكەم ئۇلاشقا بەل باغلايدۇ. ھەممە كۈن-تۈنلەردە ياخشىلىقنىڭ، رەھمەتنىڭ، بەرىكەتنىڭ، تىنچلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىنى تىلەيدۇ.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر