باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەمەل-ئىبادەت

رامىزان مۇبارەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

1.رامىزاننىڭ مەنىۋى مۇھىتى

مۇبارەك رامىزان ئېيى مەنىۋىيەت ۋە خۇشاللىق ئىقلىمىنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىك ۋاقتى؛ بىرلىك، باراۋەرلىك، ئىجتىمائىي ياردەم ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش بۇ جەمئىيەت ھاياتىدا دەۋر سۈرىدىغان بىر ئايدۇر. قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنغاندەك، مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇقراق(خاسىيىتى) بولغان قەدر كېچىسى كېلىدىغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىپ، دوزاخ ئىشىكلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن ۋە شەيتاننىڭ زەنجىر بىلەن باغلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بۇ مۇبارەك ئاي باشقا ئاي ۋە ۋاقىتلارغا قارىغاندا بىزنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىك بىر ئايدۇر.

ئىنسانلىق ئۇپۇقلىرىنى قارايتىدىغان  بىلىمسىزلىك، زالالەت، زۇلۇم ۋە شەھۋەت بۇلۇتلىرى ھەر تەرەپنى قاپلىغان جاھىلىيەت دەۋردە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھىدايەت يولىغا باشلىغۇچى قۇرئان كەرىم مۇشۇ مۇبارەك ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ”(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. شۇڭا، سىلەردىن كىمكى بۇ رامىزان ئېيىنى كۆرسە، روزا تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ...“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.

بۇ مۇبارەك ئايدا قۇرئان كەرىمنى مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ تۇرۇپ بىر ئۆتكۈزۈش كىشىگە پىكىر-چۈشەنچە روشەنلىكى  ۋە كۆڭۈل ھۇزۇرى بەخش ئېتىدۇ. ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن تۇتۇلغان روزا، نامرات بىچارىلەرگە بېرىلگەن زاكات ۋە سەدىقە-پىتىرلەر ھەمدە جامە-مەسچىتلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى مۆمىنلەرگە مەنىۋىيەت ھۇزۇرى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەخلاق ۋە ئىنسانىي قىممەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىق، گۈزەللىك ئېڭى كۈچىيىدىغان بۇ مۇبارەك ئاي خۇشاللىق  ۋە مۇھەببەت ئىچىدە قۇتلۇقلىنىشى كېرەك.

2.سۇھۇر ۋە ئىپتارنىڭ پەزىلىتى

سۇھۇر: ئىمساك ۋاقتىدىن ئاۋۋال قوپۇپ يېيىلىدىغان تائامنىڭ ئاتىلىشىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”سۇھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سۇھۇرلۇقتا بەرىكەت باردۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ، رامىزان كېچىلىرىدە سۇھۇر ۋاقتىدا قوپۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىمساك ۋاقتىدىن ئاۋۋال سۇھۇرلۇق يېيىشى مۇستەھەبتۇر.

دۇئالار قوبۇل بولىدىغان ۋاقىتلاردىن بىرىمۇ رامىزان كېچىلىرىدىكى سۇھۇر ۋاقتىدۇر. روزا تۇتقۇچى سۇھۇر ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرغىنىدا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى، كېچە ۋە كۈندۈزدە مۇمكىنقەدەر قۇرئان ئوقۇشى، ئاللاھنى زىكرى قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك. روزىدار كىشى يەنە قۇرۇق، بىھۇدە گەپلەردىن، غەيۋەتتىن ساقلىنىشى لازىم.

ئىپتار: ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن پەرز ياكى نەپلە روزا تۇتقان بىر مۇسۇلماننىڭ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن يەيدىغان تائامنىڭ ئاتىلىشىدۇر. ئىپتار ۋاقتى دۇئا قوبۇل بولىدىغان مۇبارەك بىر ۋاقىتتۇر، مۇسۇلمانلار ھېس قىلغان سۆيۈنۈش، ئاللاھ خالىسا ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان جەننەت نېمەتلىرى ۋە چەكسىز خۇشاللىقىنىڭ بىر خەۋەرچىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ”روزىدارنىڭ ئىككى خۇشاللىقى باردۇر: بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى ئاللاھقا مۇلاقات بولغاندا “(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. ئىپتاردا  كەمبەغەللەر، قوشنىلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەمداستىخان بولۇشىمۇ چوڭ بىر خۇشاللىق ۋەسىلىسىدۇر.

خۇلاسە كالام، روزىمىزنى روزىنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىپ، ھەم سۇھۇرى ھەم ئىپتارى بولغان ھالەتتە تۇتۇشىمىزنىڭ روزا رامىزاندىن كۈتۈلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى پايدىنى ئارتتۇرۇپ، ئەجىر-ساۋابنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

3.تەراۋىھ نامىزى

تەراۋىھ“ سۆزى ”ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش ۋە دەم ئېلىش“ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ نام بىلەن قىلىنىدىغان نامازنىڭ تۆت رەكىتىدە بىر دېمىنى ئېلىۋېلىش ئادەت بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەراۋىھ دېگەن نام بېرىلگەن. ھەدىس ۋە فىقھە كىتابلىرىدا بۇ ناماز ”رامىزان كېچىسى نامىزى“ نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. تەراۋىھ نامىزى رامىزان كېچىلىرىگە خاس بىر سۈننەت ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى ئوقۇغان مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىدىغانلىقى، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر بېرىپ، ئۈممىتىگە بۇ نامازنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۈننەت بولغان تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە بۇ ناماز مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە 20 رەكئەت قىلىپ ئوقۇلۇشقا باشلىغان، بۈگۈنگىچە ئىسلام دۇنياسىدا كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى 20 رەكئەت قىلىپ ئوقۇماقتا.

تەراۋىھ نامىزى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇلسا بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدەك، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىلىپ ئوقۇلسا پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىدەك ئوقۇلىدۇ. بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئاننى خەتمە قىلىش سۈننەتتۇر. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرمەيدىغان يېنىك شەكىلدە ئوقۇش ياخشىدۇر. )ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەييارلىغان(

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر