باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

تەقۋالىق ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-12   

ئىسراپىل ئابدۇقادىر

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

تەقۋالىقتىن ئىبارەت بۇ تېما قەلبى ھەرقاچان ئاللاھقا تەلپۈنىدىغان، ھەمىشە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەپ تۇرىدىغان ئىتائەتمەن بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن سەل قاراشقا ياكى دىققەت سىرتىدا قويۇشقا بولمايدىغان مۇھىم تېمىدۇر. چۈنكى ئۇ ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، نىجاتلىقنىڭ ئاساسى، ئەمەللەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى، دوزاخنىڭ قالقىنىدۇر. ئىمام غەززالى تەقۋالىققا مۇنداق باھا بەرگەن: ”تەقۋادارلىق ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان كۆپ ياخشىلىق، زور بايلىق، كاتتا نىجاتلىق، مول غەنىيمەت ۋە بۈيۈك پادىشاھلىقتۇر. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق ياخشىلىق ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەندۇر“.

دېمەككى، ھەقىقىي تەقۋادارلار بۇ دۇنياغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە مەڭگۈلۈك دىيار بولغان ئاخىرەتكىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر“{سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 132-ئايەت}؛ ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھوزۇرىدىكى ئاخىرەت(يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر“{سۈرە«زۇخرۇف»(43-سۈرە)، 35-ئايەت} دېگەندەك، تەقۋادارلار ھەقىقىي بەخت-سائادەت ۋە شەرەپ ئىگىلىرىدۇر. بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىرى سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئوزۇق-تۈلۈك بەرسىلە“ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن: ”ئاللاھ ساڭا تەقۋالىقنى ئوزۇق قىلىپ بەرسۇن“ دېدى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلغان ئىدى: ”كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ“{سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 2-، 3-ئايەت}. يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجگە ماڭماقچى بولغان ساھابىلەرگە ۋەز ئېيتىپ، ناچار گەپ-سۆز ۋە قوپال ئىش-پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئايەت ئارقىلىق تەقۋادارلىق لىباسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: ”ئى ئادەم بالىلىرى، سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋالىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 26-ئايەت}.

دېمەك، تەقۋالىقنىڭ ھەربىر مۇئمىننىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە 258  قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ تېمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالالايمىز.

1.تەقۋادارلىق تېمىسى جانابىي ئاللاھنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا قىلغان ئورتاق ۋەسىيىتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 131-ئايەت}. ئىمام غەززالى بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”جانابىي ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى ۋە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى، ئۇلارغا ئەڭ كۆيۈنگۈچى، ئەڭ مېھرىبان زات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر كائىناتتا تەقۋالىقتىنمۇ ئەۋزەل، مۇھىم ئىش بولغان بولسا چوقۇم شۇنىڭغا بۇيرۇيتتى“.

2.تەقۋادارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە قىلغان ۋەسىيىتى. بۇ ھەقتە ئىرباز ئىبنى سارىيە مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: ”بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەز ئېيتتى، بۇ ۋەز شۇنچە تەسىرلىك ئىدىكى، ئۇنىڭدىن كۆزلەر ياش تۆكتى، قەلبلەر ئېرىپ كەتتى، ئاندىن بىر ساھابە ئورنىدىن تۇرۇپ: ’ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ناھايىتى تەسىرلىك، خوشلىشىدىغاندەك ۋەز بولدى، بىزگە بىر نەرسە تاپىلىسىلا‘ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’مەن سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشۇڭلارنى، قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ بويسۇنۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن‘ “ دەپ ھەدىسنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرغان. قۇرئان كەرىمدىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئۈممىتىگە تەقۋادار بولۇشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈمىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇھ، ھۇد، سالىھ ئەلەيھىسسالاملار ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ”نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: ’سىلەر(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر‘ “ {سۈرە«شۇئەرا»(26-سۈرە)، 105-، 106-ئايەت}؛ ”ئاد(خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: ’سىلەر(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر‘ “{سۈرە«شۇئەرا»(26-سۈرە)، 123-، 124-ئايەت}؛ ”سەمۇد(خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ مۇنداق دېدى: ’(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر‘ “{سۈرە«شۇئەرا»(26-سۈرە)، 141-، 142-ئايەت} ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسا، لۇت ئەلەيھىسسالاملارمۇ ئۈممىتىگە مانا مۇشۇنداق تەۋسىيە قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

3.تەقۋادارلىق تېمىسى ئىلگىرىكى سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا كىشىلەرگە قىلىپ كەلگەن ۋەسىيىتى. ھاپىز ئىبنى رەجەپ مۇنداق دېگەن: سەلەف-سالىھلار داۋاملىق تەقۋادارلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. مەسىلەن: ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبىنى باشلىغاندا: ”سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن“ دەپ باشلايتتى. ھەتتا ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنى يېنىغا چاقىرتىپ تۇنجى قىلغان سۆزى: ”ئى ئۆمەر! ئاللاھتىن قورققىن“ دېگەن سۆز بولغانىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى ئابدۇللاغا مەكتۇپ يازغاندا: ”ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە تەقۋادار بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى قانداق بىر كىشى ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن خەير-ئېھسان قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە مۇكاپات بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلسا، نېمىتىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، سەن تەقۋادارلىقنى كۆز ئالدىڭدا تۇرىدىغان بەلگە، قەلبىڭنىڭ نۇرى قىلغىن“ دەپ يازغان.

4.تەقۋادارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل زىننىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 26-ئايەت}.

 بىز قۇرئان كەرىمگە نەزەر سالساق، تەقۋادارلىقنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ”تەقۋادارلىق  ئەڭ ياخشى ئوزۇق، تەقۋادارلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەر“ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

دېمەككى، تەقۋادارلىق بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى، نىيەت-مەقسەتلىرى، شۇنداقلا ئىش-پائالىيەتلىرىدە يۈكسەك پەللىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەنىلىك تۇرمۇشى، پاراۋان بولغان ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك تەقۋادارلىقنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىز تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:

1.تەقۋادارلىق كىشىلەر قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇلارغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ“{سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 2-، 3-ئايەت}.

2.تەقۋادارلىق ھەرقانداق ئىشتا ئاسانلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھقا تەقۋادار بولسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ“{سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 4- ئايەت}.

3.ئاللاھ تەقۋادارلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 194-ئايەت}.

4.ئىنسان تەقۋادارلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇنداق ئەمەس، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 76-ئايەت}.

شۇڭا بىز بارلىقىمىزنى ئاللاھقا بېغىشلاش ئارقىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت مۇھىم ئەڭگۈشتەرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ، تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان جەننەتتىن ئىبارەت ئەڭ زور نېمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز لازىم.

ئاللاھ ھەممەيلەننى تەقۋا، سالىھ كىشىلەردىن قىلسۇن، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى2010 -يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر