باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئىسلام دىنى ۋە ئاياللار

ئىناقلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-01   

شىھابىدىن ئابدۇلئەھەد

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىسلام دىنى پۈتۈن كائىناتنى، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى يوقتىن بار قىلغان، ئىنساننى بارچە مەخلۇقات ئىچىدىن ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك قىلغان، ھەممىدىن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ساماۋى دىن. شۇڭا، ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ئىنسان تەبىئىتىگە ماس ھالدا ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىك ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئىسلام دىنىدا بارلىق ئىنسانلارنى، جۈملىدىن ئاياللارنى قەدىرلەش، كىشىلەرگە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەي، ئىرق، مىللەت ئايرىماي ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئەقىدە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىنسانىي قىممەت ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىكتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەكلىرى ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن(يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى(يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن(يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى(يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 1-ئايەت}.

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى بىر ئىنساندىن، يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياراتقانلىقىنى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئانىنى، بۇ ئىككىيلەندىن بارلىق ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئىنساننىڭ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن ئىبارەت بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ ئەسلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

مانا بۇ ھەقىقەت ناھايىتى ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم ھەقىقەت بولۇپ، ئەگەر كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىبرەت قۇلىقىنى سالىدىغان ۋە پىكىرىي نەزەرىنى قارىتىدىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئادىمىيلىككە ۋە رەببانىيلىق(خۇداگۇيلۇق)قا باب مەدەنىي ساپا ۋە خىسلەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

بۇ ھەقىقەتلەر ئالدى بىلەن ئىنسانلارغا ئۆزلىرى ئاپىرىدە بولغان ۋە كۆپەيگەن مەنبەنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. كىشىلەر بۇ ھەقىقەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلسا، ئۇلار يارىلىپ كېيىن پەيدا بولغان سۈنئىي پەرقلەرنىڭ ھەممىسى ئايان بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەقىدە، ئەخلاق، مېھىر-مۇھەببەت، باراۋەرلىك ئىنساندا تەبىئىي، تۇغما ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەتتە يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇدۇللا ”پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار“ دېمەي ”ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن(يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن(يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار دېگەنلىكى ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەر، ئايال قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش، يەنى ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىش لازىم، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە يۇقىرىقى ئايەتتە ”شۇ ئىنساندىن(ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى(يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان“ دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنى رەزىللىك ۋە پەسكەشلىكنىڭ مەنبىئى، يامانلىق ۋە بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزى، دەپ قاراشنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر قىسمى، يەنى ھەۋۋا ئانىنىڭ تۇنجى ئىنسان — ئادەم ئاتىنىڭ بىر پارىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئاتىغا جورا قىلىپ ياراتقانلىقىنى، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئىنسانىي ماھىيەت ۋە ئىنسانىي قىممەت جەھەتتىن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ”بىر-بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى(يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر دېيىش ئارقىلىق، بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلىپ، بىر ئاتا، بىر ئانىدىن كۆپەيگەن ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە موھتاج بولىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغان ھەمدە قېرىنداشلار ئارا سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنى قەتئىي چەكلەش ئارقىلىق، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەقۋادارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

ئومۇمەن، يۇقىرىقى ئايەتتە ئائىلىنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە رولى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئائىلىسىنى قۇرۇپ، بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بەرپا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، دەسلەپتە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئائىلىسىنىلا بەرپا قىلماي، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى بىراقلا ياراتقان ۋە ۋۇجۇدقا چىقارغان بولاتتى. بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، ئاشۇ نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر-بىرىگە تۇغقان بولمىغان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، قېرىنداشلىق مېھرى بولمىغان بولاتتى. ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسىمۇ بىر بولمىغان بولاتتى. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا دەسلەپتە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئائىلىسىنى قۇرۇپ، بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىنسانلارنى يارىتىپ، ئائىلىلەرنى قۇرۇپ، ئۇلارنى نەسەب ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلاپ قېرىنداشلىق ئورنىتىپ، ئىنسانىي مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلىش ئارقىلىق ئىناقلىقنى، ئىللىقلىقنى ياخشى تۇپراق بىلەن تەمىن ئەتتى. دېمەك، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىناق ئائىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە موھتاج. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئەقىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق ئەر-ئاياللارغا موھتاج. بولۇپمۇ پەرھىزكار، شەرم-ھايالىق خانىم-قىزلارغا موھتاج. ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي تەبىئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسى. بۇ نۇقتا يەنە تۆۋەندىكى ئايەتتە تېخىمۇ روشەن تەكىتلەنگەن: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 21-ئايەت}.

بۇ ئايەتتكى ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن“ دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى ”لتسكنوا اليها“ دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ سۆزنى ”ئاياللار بىلەن خاتىرجەملىك ھېس قىلىشىڭلار ئۈچۈن“ دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆز ”سكن“ سۆزىدىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، ”خاتىرجەملىك، ئارامدىللىق، ئۇنسى-ئۈلپەت“ دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ پەقەت ئەر-خوتۇنلا ھېس قىلالايدىغان ۋە ئۇلار ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتنى، ئىللىقلىقنى، خاتىرجەملىكنى، ئىناقلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، بۇ خىل ئۇنسى-ئۈلپەت ئىنسان روھىدىكى ئىزتىراپ ۋە تەشۋىش-ۋەسۋەسىلەرنى يوقىتىدۇ.

ئىنسان ھەققىدە مۇشۇ خىل تەرىقىدە تەكرار ئويلىنىش كىشىگە ئىمان ۋە تەقۋادارلىق ئاساسىدىكى ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىقنى ئاتا قىلىدۇ.

 ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى، يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاياللار ئادەم قاتارىدا كۆرۈلمەي، بازارلاردا ماتالاردەك سېتىلغان، ”ئاياللار ئادەم ئازدۇرىدىغان شەيتان“ دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆش يېيىشى، كۈلۈشى، ھەتتا سۆزلىشىمۇ مەنئى قىلىنغان. ئەرەبلەر ئاياللارنى نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ھوقۇقلاردىن، ھەتتا ياشاش ھوقۇقى ۋە مىراسخورلۇق ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان. بىرەرسىنىڭ ئايالى قىز تۇغسا، ئۇنى ”يۈزىمىزنى تۆكىدۇ، قەبىلىمىزگە ئاھانەت ئېلىپ كېلىدۇ“ دەپ، تۇغۇلغان ھامان يەرنى چوڭقۇر كولاپ كۆمۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈشىگە پەقەت ئۇلارنىڭ قىز بولۇپ يارىلىپ قالغانلىق ”گۇناھلىرى“ سەۋەب بولغانىدى. ئەرەبلەر دېدەكلەرنى پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلاپ پۇل تاپاتتى. ئاياللارغا مىراس بەرمەيتتى، تېخى ئاياللارنى نەرسە-كېرەك ئورنىدا مىراس ئالاتتى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ”ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە(خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزىنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا(تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ)، ئۇلارنىڭ ھۆكمى ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 5859-ئايەتلەر}؛ ”ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق(يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار(سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 19-ئايەت}.

يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاياللارنى بوزەك قىلىش، خورلاش، ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەسلىكتەك يامان، رەزىل قىلمىش ۋە خاھىشلارنىڭ قەتئىي دۇرۇس بولمايدىغانلىقى، ئىسلامىي ئەقىدە، ئىسلامىي ئەخلاق، ئىسلامىي مۇئامىلىلەرگە زىت قىلمىش ۋە خاھىشلار ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، ئۇلارغا ياخشى، ئادىل مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى بوزەك قىلىشى، ئۇرۇشى، خورلىشى ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بوزەك قىلغىنى، ئۆزلىرىنى ئۇرغىنى، ئۆزلىرىنى خورلىغىنى، شۇنداقلا بالىلارنى، پۈتۈن ئىنسانلارنى بوزەك قىلغىنى، ئۇرغىنى، خورلىغىنى بىلەن باراۋەر. چۈنكى، ماقالىمىزنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، دەسلىپىدە ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى ياراتقان، ئادەم ئاتىدىن ھەۋۋا ئانىنى ياراتقان. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىلىدۇ.

”ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 13-ئايەت} دېگەن ئايەت بىلەن ”ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، ئاتاڭلار بىردۇر، ھەممىڭلار ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم توپىدىن يارىتىلغان. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر. ئەرەب غەيرىي ئەرەبتىن، غەيرىي ئەرەب ئەرەبتىن، قارا تەنلىك ئاق تەنلىكتىن، ئاق تەنلىك قارا تەنلىكتىن ئارتۇق ئەمەس. ئارتۇق دېيىلسە، پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا ئارتۇق بولىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)، دېگەن ھەدىستىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەت، ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئىسلام دىنى ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلغان دىن بولۇپ، ئاياللارنى خورلۇق ۋە نادانلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىززەت-ھۆرمەت، ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلدى. باشقا ھوقۇقلاردىن سۆز ئېچىش تۈگۈل، ئاياللارنىڭ ئىنسانىي سالاھىيىتى ئىنكار قىلىنىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا، ئىسلام دىنى تۇنجى بولۇپ ئاياللارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت يارىتالايدىغان مۇستەقىل سالاھىيەتكە، ئىجتىمائىي ئىنسانلىق ھوقۇقىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. قۇرئان كەرىمدىكى «ئال ئىمران»، «نىسا»، «مەريەم»، «تالاق» قاتارلىق سۈرىلەردىكى نەچچە يۈز ئايەتتە ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە يەنە ئاشۇ سۈرىلەرنىڭ ناملىرىنىڭ ئايال ۋە ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا ۋە ئاياللار مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئەڭ دەسلەپتە ئىككى بۆلۈك كىشىلەر قوللىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئاياللار ئىدى. بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەمگۈزارى، قوللىغۇچىسى ۋە سۆيۈملۈك ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يېقىندىن قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى. تۇنجى ۋەھيى چۈشكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەك چارچىغانىدى. ئۇ پەرىشتە بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كېتىپ ”مەن ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم“ دېگەندە، خەدىچە ئۇنى يۆگەپ قويغانىدى، ھەمدە ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ، چۈنكى سەن(تۇغقانلىرىڭغا) سىلە-رەھىم قىلىسەن، راست سۆزلەيسەن، ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرىسەن. مېھماننى كۈتىسەن، ھەق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىسەن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دەپ تەسەللىي بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەر ماڭا ئىشەنمىگەندە ، ئۇ ماڭا ئىشەندى؛ كىشىلەر مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ مېنى تەستىقلىدى؛ كىشىلەر مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ مېنى مال-مۈلكى بىلەن قوللىدى؛ باشقا خوتۇنلىرىم تۇغماستا، ئاللاھ مېنى ئۇنىڭدىن پەرزەنتلىك قىلدى(ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەردى)“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ناھايىتى ياخشى تەرىپلىگەنىدى، ئۇ يېشى كىچىك بولسىمۇ زېرەك، قابىلىيەتلىك بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاياللار ۋە ئاياللار مەسىلىلىرىگە ئائىت ھەدىسلەرنى ئەڭ كۆپ ئىگىلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا ”ئۇممۇلمۇئمىنىن“(مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى) دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا بولغان يۈكسەك تونۇشىنى ئىپادىلىگەنىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتە ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈشتە ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولدى. ئاياللىرى ئاغرىپ قالسا ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى. ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئۇلارغا ئىلىم ئۆگەتتى. قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ئايلاندۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى كىچىكىدە ئېمىتكەن ئىنىكئانىسى — ھەلىمەنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى. ئىنىكئانىسى كەلسە ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئورنىدىن تۇراتتى ۋە كىيگەن تونىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھۆرمەتلەشنى بىر ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئەھلىگە ياخشىلىق قىلىدىغانلاردۇر. مەن بولسام سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەھلىگە(يەنى ئايالىغا) ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

مۇسۇلمانلارنىڭ تەقۋادارلىقى ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە، ئايالى ۋە بالىچاقىلىرىغا قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئەلۋەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئىبادەت تۈرى بولۇپ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ تەقۋادارلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مەخسۇس ئىبادەتلەرنى قىلغان تەقدىردىمۇ ئائىلىسىگە، ئايالى ۋە بالىچاقىلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئادەم مەخسۇس ئىبادەتلەرنىڭ مەقسىتى بولغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى قىلمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئەر كىشى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئىشتا مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇشى لازىم. ئايالىنىڭ ئارازلىرىغا، بولۇپمۇ خۇيلىنىپ قالغان چاغدىكى بەزى يېقىمسىز قىلىقلىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈشى، خاتالىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلار ئايالىڭلارنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلىماڭلار، شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىنى داۋاملىق ئەستىن چىقارماي، ئىناق ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى، شۇنداقلا ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ خانىم-قىزلارنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەش، خورلاش ۋە ئۇلارنى ئالداپ ئېلىش-سېتىشتەك رەزىل، پەسكەش، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر مەۋجۇت. شۇڭا، مۇسۇلمانلار بۇ خىل قىلمىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئىمانىي ھەم قانۇنىي بۇرچى، دەپ بىلىشى لازىم.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاياللارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەردىن قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر