باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئائىلە ۋە مېھىر-مۇھەببەت

نىكاھلىنىش ۋە ئائىلە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

ياقۇپ ھەمدۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

توي قىلىش — توي يېشىغا يەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىشى ئاللاھ بېكىتكەن قانۇنىي مەجبۇرىيەت، شەرئىي مەسئۇلىيەت، ئىسلام دىنىدا مۇھىم ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۇنجى رەت ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز نىكاھلانغان. شۇندىن كېيىنكى بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۈممەتلىرىنىڭ نىكاھلىنىشىنى قانۇنىي رەسمىيەت قىلىپ بېكىتكەن.

نىكاھلىنىش قىز-يىگىت مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ باغلىنىشى ئاساسىدا، شەرئى مىزان، قانۇن-نىزامغا مۇۋاپىق، ئۆرپ-ئادەت، رەسمىيەتلەرگە لايىق رەۋىشتە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇپ، بەختلىك ئائىلە قورۇپ، ياراملىق ئەۋلاد قالدۇرۇش نىيىتىدە باش قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ.

نىكاھلىنىش ئائىلە قۇرۇپ قانداشلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلى بولۇپ، توي قىلىش يېشىغا يەتكەن، ئەقلى نورمال، تېنى ساغلام، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن توي قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان، بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇشقا ئىشەنچ باغلىغان، ئورتاق غايىگە ئىگە ئەر-ئاياللار ئۈچۈن سۈننەت. توي قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان، جىسمانىي، ماددىي، مەنىۋى شەرتلەرنى ھازىرلىغان، ئىپپىتىنى زىنا-ھارامدىن ساقلاشنى نىيەت قىلغانلارنىڭ دەرھال نىكاھلىنىشى پەرز. شۇ ھالدا نىكاھنى كەينىگە سۈرۈش، تەرك ئېتىش گۇناھى كەبىر. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىزگە: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. پىكر يۈرگۈزىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 21-ئايەت} دەپ تەربىيە قىلغانىدى. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرەيلى:

ئەر-ئايال مۇھەببەتنىڭ ئەڭ شېرىن، ئەڭ لەزىز فىزىيولوگىيەلىك ھېسسىيات ھۇزۇرىنى سۈرۈپ، بىر-بىرىگە ئىشقى-مۇھەببەت رىشتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. چىن مۇھەببەت ئىنسان روھى ۋە جىسمىغا ئەڭ ئېسىل قۇۋۋەت دورىسى، ئابىھايات شەرۋىتى. ۋىسال تاپقانلارغا شىپا، تاپالمىغانلارغا زەھەر. ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەۋۋا ئانىمىزغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەت تەقەززاسىدىن نىكاھلىنىپ، ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان، ئەۋلادىنى دۇنياغا تاراتقان. دېمەك، ئىنسان سۆيگۈنىڭ مېۋىسى، ئائىلە بەختىنىڭ ئۇلى، راھەتنىڭ بۆشۈكى، نەسەب ئېتىزى، يات تەن ۋە روھلارنى چاتىدىغان رىشتىسى.

مېھىر-مۇھەببەت نىكاھلىنىشنىڭ ئاساسى. ئىنسان ۋۇجۇدىدا مېھىر-مۇھەببەت، ھايا-ئىپپەت، سەمىمىي ساداقەتتىن ئىبارەت ئۈچ گۆھەر بار. مۇھەببەت — باغ ئىرەم، ھايا-ئىپپەت — قورغان، سەمىمىي-ساداقەت — پاسىبان. مۇھەببەت گۈللىرىنى ھايا-ئىپپەت، سەمىمىي-ساداقەت، غەيرەت-شىجائەت بىلەن قوغدىغاندىلا تەن ھۇزۇرى، دىل ھۇزۇرى، ھايات پەيزىنى سۈرەلەيسىز. مۇھەببەت گۈلىنى بۈگۈن ئۈزۈپ، پەيزىنى سۈرۈپ، ئەتىسى سۇلاشتۇرۇپ، ئۆگۈنى تاشلاپ خازان قىلسىڭىز، مۇھەببەت لەززىتىدىن، ئائىلە ھۇزۇرىدىن، پەرزەنت شادلىقىدىن، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىدىن مەھرۇم بويتاقلىق ئازابىغا، پۇشايمان ئازگىلىغا مەھكۇم بولىسىز، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدە گۇمران بولىسىز.

مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلە پانىيدىكى جەننەت بولۇپ، شاد-خۇراملىق، دىل ئازادىلىك، تىنچ ئامانلىق، تەن ساغلاملىق، پاراۋانلىق ھەر ۋاقىت ئايرىلماس ھەمراھ. ئىللىق ئائىلە بولغاندىلا ئاتا-ئانا، قەۋم-قېرىنداش، ئەھلى-قاياشلار ئارا ئالاقە-مۇناسىۋەت كۈچىيىدۇ، تۇغقانلار كۆپىيىدۇ، ئىناق-ئىللىق ئائىلە جىسمىڭىزغا كۈچ، ئەقلىڭىزگە قۇۋۋەت بېشىغلاپ، ئەمگەك، خىزمەت، تىجارىتىڭىزگە ئامەت، دارامەت، بەرىكەت ياغدۇرىدۇ. ”بىرلىك بولمىسا، تىرىكلىك بولماس“، ”ئىتتىپاقلىق — كۈچ“ دېگەندەك، ئېجىل-ئىناق ئائىلىدە روھىڭىز ئۇرغۇپ، جاسارىتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سىجىل ئىلگىرىلەش ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىدۇ. ئائىلىدىكى بىرلىك ئائىلىدىكى ئىشلارنى پىلانلىق، ئېدىتلىق، رەتلىك، ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىڭىزغا كۈچ ۋە مەدەت ھەم ئاقىلانە مەسلىھەت بولىدۇ.

نىكاھلىنىش ئائىلە قورۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى. نىكاھلانمىسا ئائىلە ھېسابلانمايدۇ. نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ، ئادىمىي قىممەت پەللىسىگە يۈكسەلدۈرۈپ، ئادىمىي خۇسۇسىيەت، ئىززەت-ھۆرمەت، ھايا-ئىپپەت، ئىنسانىي خىسلەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. كۈچلۈك ئائىلە ئېڭى سىزنى بەختىيار ھاياتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئەخلاقسىزلىق، ئىشقىۋازلىق، بويتاقلىق، غېرىبلىق، ھاياسىزلىق گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قوغداپ قالىدۇ.

ھازىر ئائىلە كىرىزىسى دۇنياۋى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. پەن-تېخنىكا، ماددىي، مەنىۋىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشىدا ئائىلە مۇقەددەس ئورۇندىن ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ھازىرقى قىسمەن ياشلار ئائىلىنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، مۇھەببەت ئەركىنلىكى، كۆڭۈل شادلىقىنى ئىسراپ قىلىدىغان بوغقۇچ، چۈشەك دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن نىكاھسىز بىرگە تۇرۇش، توي قىلماي بويتاق ئۆتۈش، نىكاھلانماي ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، قىزلار يىگىت بىلەن نىكاھلانماي قېچىپ كېتىش، خالىغانچە سىرتلاردا قونۇپ قېلىش مودىغا ئايلىنىپ قالدى.

نىكاھلىنىشنىڭ مەقسىتى: ئىپپىتىڭىزنى ھارامدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىك ئۇستازى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئى ياشلار جامەئەسى! سىلەردىن تويغا قادىر بولالىغانلار توي قىلسۇن!، توي قىلىش كۆزنى ۋە جىنسىي ئەزانى ھارامدىن ساقلاپ قالىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دەپ مۇراجىئەت قىلغان. يەنە: ”نىكاھلىنىش مېنىڭ سۈننىتىم، كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدى. ئائىلىدەك ئارامگاھنى تاشلىۋېتىپ، نىكاھسىز بىرگە بولۇش، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنى تاشلاپ قويۇپ، ھارامخورلارنى ئاشنا تۇتۇش، ئۆزىنىڭ ھايۋانىي شەھۋىتىنى دەپ، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى تۆكۈپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، قاراقچىدەك قىز ئېلىپ قېچىش ئىسلام دىنى ئەڭ پەس كۆرىدىغان ھالاكەتلىك گۇناھىي كەبىردۇر. ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ: ”زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 32-ئايەت} دەپ ئەسكەرتكەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”پاھىشە ھەرقانداق نەرسىنى بۇزىدۇ، ھايا ھەربىر نەرسىگە زىننەت ئاتا قىلىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ ”گۇناھلار ئىچىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن كېيىن تۇرىدىغان چوڭ گۇناھ — ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىدىن باشقا ئايالغا شەھۋىتىنى سەرپ قىلىشتۇر“(ئىبنى ئەبى دۇنيا رىۋايەت قىلغان).

ئىشقى ھېسسىياتنىڭ تىزگىنىنى ھاياتنىڭ قولىغا تۇتقۇزساڭ بەختىڭنى تاپىسەن، تىزگىنسىز قويۇۋەتسەڭ قازانىمۇ، جازانىمۇ تارتىسەن. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ شەيتاننى ئۇستاز تۇتۇپ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسەڭ، ئاللاھ نەپىس، چىرايلىق ياراتقان ئۇز تېنىڭنى بۇلغاپ، پاسكىنا قىلىۋالىسەن. ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى قادىر ئاللاھ ئەھلى نىجىسلارغا جازاسىنى تارتقۇزۇپ، ھالاكەتلىك بالايى-قازالارنى ئەۋەتىپ، سۆزنەك، سىفلىس، مەرەز، ئەيدىز قاتارلىق ھالاكەتلىك، قاباھەتلىك، دەھشەتلىك كېسەللەر بىلەن ئىبرەت قىلىۋاتىدۇ. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ ھەمىشە ئادىلدۇر.

ياشلار تۈزەلسە يۇرت-ماكان، زامان تۈزىلىدۇ. ياشلار بۇزۇلسا يۇرت-ماكان، جەمئىيەت-جاھان بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، ياشلار جەمئىيەتتە ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ جانلىق، قارام كۈچ. ۋىجدان-غۇرۇرىنى، ئىپپەت-نومۇسىنى پاك ساقلىغان، پەزىلەتلىك ئاياللار يۇرتنىڭ گۈلى، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلىنىڭ زىننىتى، ئەرنىڭ قانىتى. تەبىئەت گۈل بىلەن گۈزەل، جەمئىيەت پاك ئاياللار بىلەن گۈزەلدۇر. بالا بۇزۇلسا، ئۆينىڭ تىنچلىقى بۇزۇلىدۇ، ئانىلار بۇزۇلسا، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلىدۇ. شەيتان ۋەسۋەسىسىدىن، ئادىمىي شەيتان ئازغۇنلۇقىدىن ئاللاھ پاناھىدا ساقلىغاي!

نىكاھلىنىشنىڭ مەقسىتى ياخشى پەرزەنتلىك بولۇش، پەرزەنتنى ياخشى تەربىيەلەش، پەرزەنت — ئائىلە گۈلىستانىنىڭ شېرىن مېۋىسى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ شەپقىتى، رەھمىتى، نېمىتى، مەرھەمىتى، ئاتا-ئانىنىڭ بەختى، شادلىقى، بارلىقى، نەسەب تارىخى، زىننىتى. ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتى“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 46-ئايەت}. بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئاللاھنىڭ مۇراجىئىتى، پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتى. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلغۇچى ئاللاھ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار“{سۈرە«تەھرىم»(66-سۈرە)، 6-ئايەت} دەپ ئەمر قىلسا، يېتەكچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ھەرقانداق بالا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يا يەھۇدىي قىلىدۇ، يا خىرىستىيان قىلىدۇ، يا مەجۇسىي قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دەپ ئەسكەرتكەن. ئاتا-ئانا تەربىيەسى بالىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ(ئۆزگەرتىدۇ). ئانا تەربىيەسى بالىنىڭ قەلبىگە ئۇيۇلغان نەقىش، زىننەت. ئاتا تەربىيەسى بالىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىغا ماياك ۋە چىراغ. بالا تەربىيەسىز قالسا، ياۋايىلىشىپ، بالاخور، تەلۋىگە ئايلىنىپ، ئائىلىنى ۋەيران، ئاتا-ئانىنى سەرسان قىلىۋېتىدۇ.

بالىنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل، زېرىكمەي-تېرىكمەي تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ ئادىمىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەجبۇرىيىتى. بالىنى تۇغۇش، بېقىش، ئاسراشنى توخۇمۇ بىلىدۇ. بالىنى ئەخلاق-پەزىلەت، بىلىم-قابىلىيەت، ھۆنەر-سەنئەت، تېخنىكا-ماھارەتتە ساپالىق، ئۇنىۋېرسال قابىلىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىش پەزىلەتلىك، قابىلىيەتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. بالىنى ياخشى تەربىيەلەش ئادىمى پەزىلەت، ئىلاھىي مەجبۇرىيەت. ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بەخت-تەلىيى، كېلەچىكىنى ئويلايدۇ. بەزىلەر خىيال قىلىدۇ، دۇئا قىلىدۇ، ئەمەل قىلمايدۇ. بەزىلىرى بالىلىرىنى ياخشى يېگۈزۈپ، چىرايلىق كىيگۈزۈپ، ئوبدان ئوينىتىدۇ. لېكىن، بالا تەربىيەلەش سەنئىتى، مېتودى، ئۇسۇلىغا ئەقىل-پاراسەت ئىشلەتمەيدۇ. ئۈمىد ساپالىق ئاتا-ئانىلاردا. ئاتا-ئانىلار بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، ئېسىل پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان بولسا، بالىلار غايىلىك، ئىرادىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك بولۇپ يېتىلىدۇ.

ئائىلە— بالا ئوقۇپ پۈتكۈزەلمەيدىغان مەكتەپ. ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلىدىكى سۆز-ھەرىكىتى بالا ئۈچۈن ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان ئوقۇشلۇق، ئاتا-ئانىلار بالا ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانا تەربىيەسىنىڭ ساپاسى بالىنىڭ ساپاسىنى، بالا ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. ئائىلە — بالىنىڭ ۋەتىنى، ئاتا-ئانا بالىنىڭ داھىيسى، رولچىسى، يېتەكچىسى. ئائىلىنى ھايات دېڭىزىدىكى كېمە دېسەك، ئاتا-ئانا كېمە باشلىقى، ئانا — رولچى، كېمىدىكىلەرنىڭ ھايات تەقدىرى سىزنىڭ قولىڭىزدا، بالىڭىزنى ھايات دېڭىزىدىن گۈلىستان مەنزىلىگە يەتكۈزۈش ياكى دولقۇنلۇق قاينامغا غەرق قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا باغلىق. دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر ئائىلىنىڭ دەۋرگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتقا ماسلىشىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يۇقىرى ساپالىق بىلىم قابىلىيەت، ھۆنەر-سەنئەتنى ئىگىلىشى، سىجىل ئىلگىرىلىشى، تىرىشىشىغا باغلىق. ئادەمنىڭ روھىي ساپاسى، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسى — ئىنسان تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيەسى. بىر ئادەم، بىر قەۋمنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى، ئاجىزلىشىپ خاراپ بولۇشى، شۇ كىشىنىڭ، شۇ  قەۋمنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر شەخسنىڭ ساپاسىغا باغلىق. ھەربىر ئادەم ئۆزىنى ۋە ئۆزىدىكى ئەقلىي قابىلىيەت، ئىقتىدارىنى قېزىپ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، باشقىلاردىن ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشسا ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان ، چىققىلى بولمايدىغان قاينام يوق. بۇ خىل سىجىل تەرەققىي قىلىش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئادەم جەمئىيەتتە ئۈنۈم يارىتىپ، تۆھپە قوشۇشتا ئەڭ ئاۋانگارت، ئەڭ ئىجادكار، ئەڭ پىداكار بولالايدۇ.

ئىنساندىكى روھىي چۈشكۈنلۈك، ئېتىقادتىكى ئاجىزلىق، تەپەككۇردىكى قاتماللىق، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى، بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىزلىق بارلىق ئاپەت، قاباھەت، تىراگېدىيەلەرنىڭ ئانىسى. ئەمگەك قىلماي راھەتكە بېرىلىش، ئۆگەنمەي ئارقىدا قېلىش، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىش نومۇس. روھنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ، سىجىل ئالغا ئىلگىرىلەش شەرەپ. بىلىمنى قورال قىلىپ، تېخنىكىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپ.

بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئىلىمسىز(پەن-تېخنىكىسىز) تىرىكچىلىك قىلىش ئوزۇقسىز، سۇسىز چۆلگە سەپەر قىلغانغا ئوخشاش. ھۆنەر-تېخنىكىسى يوققا ئىش يوق، ئىقتىدار يوققا ئاش يوق. ھەربىر ئادەم پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشتە زەربىدار، كەسىپتە تۆھپىكار، تەتقىقاتتا ئىجادكار، ئائىلىدە مەدەتكار بولغاندا قىممىتى، ھىممىتى، تۆھپىسىگە يارىشا شان-شۆھرەتكە، ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. پەن-تېخنىكا، ھۆنەر-سەنئەت ئىگىلەشكە سەل قارىغانلىق بالايىئاپەتكە يول قويغانلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنى غەپلەت باسسا، بالىلارنى ئاپەت باسىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھايات يولىنى ئاسرىغۇچى تاشيول ئىشچىسى، بىخەتەر مەنزىلگە يېتىشنى كۆزەتكۈچى قاتناش ساقچىسى بولالىسا، بالىلار مۈدۈرلىمەي، ئازماي، بېكەتكە، مەنزىلگە بىخەتەر يېتەلەيدۇ.

بالىلارنىڭ سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى: ئاتام تاماكا-ھاراققا، قىمارغا، زىناغا خەجلىگەن پۇلنى ماڭا خىراج قىلىپ، ھۆنەر-تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇتسىكەن دەيدۇ. ئاپام ئۆي بېزىگەن، كىيىم كىيگەن، زىننەت بۇيۇمى، گىرىم بۇيۇمى ئالغان، قاتار چاي، توي ئوينىغان پۇلىنى ئىقتىساد قىلىپ كومپىيۇتېر ئېلىپ بەرسىكەن دەيدۇ. بالىغا كۆيۈنگىنىڭىز راست بولسا، ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئۆتمۈش، تارىخ — ئەينەك، بۈگۈنكى رېئاللىق پۇرسەت. تارىختا قورال كۆتۈرۈپ، ئات چاپالىغان كۈچلۈك سانىلاتتى، بۈگۈنچۇ؟ مائارىپ ساپاسى، پەن-تېخنىكا ساپاسى يۇقىرىلار كۈچلۈك سانىلىدۇ. بالىلىرىمىز بەختلىك، تەلەيلىك بولسۇن دېسىڭىز ياخشى ئوقۇتۇپ، بىلىم-قابىلىيەتلىك، ھۆنەر-سەنئەتكە، ئىمانلىق، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك، زېرەك، ئەقىللىق، ساغلام بەدەنلىك تەربىيەلەڭ.

بالا ئاللاھنىڭ تاپشۇرغان ئامانىتى. بالىنى جىسمانىي، ماددىي جەھەتلەردىن ساغلام يېتىلدۈرۈش ۋاجىب. ئەقلىي، ئەخلاقىي، دىنىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ، ئىلىم-مەرىپەت، ھۆنەر-سەنئەتتە كۆپ خىل قابىلىيەتلىك قىلىپ تەبىيەلەش پەرز. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ مۇقەددەس كالامى قۇرئاندا: ”ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ“{سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت} دېسە، ئەخلاقتا پازىل بۈيۈك ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئىلىم ئۆگىنىش ھەربىر مۇئمىن ئۈچۈن پەرزدۇر، ئىلىم تەلەپكارى ئۈچۈن ھەممە نەرسە، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ گۇناھىنى تىلەپ، كەچۈرۈم سورايدۇ، ئىستىغپار ئېيتىدۇ“(ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايەت قىلغان) دەپ تەلىم بەرگەن ئىدى.

پەرزەنت— ئائىلە ئۈچۈن ئابىدە. پەرزەنتنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئىلىم-ھېكمەتتە، ئەدەپ-پەزىلەتتە، ھۆنەر-قابىلىيەتتە قازانغان نەتىجىسى ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۆچمەس خاتىرە.

ئائىلە — جەمئىيەتنىڭ كۆزنىكى. ئائىلىدىكى تەربىيە ئاتا-ئانا خىزمىتىنىڭ ئۆرنىكى. ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇپ، بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ياخشى تەربىيەلىگىنى مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، ئائىلىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغىنى. ئائىلىنى، بالىنى ياخشى باشقۇرالمىغان ئادەم جەمئىيەتتە يارامسىز، ئورگاندا ئىقتىدارسىز ئادەمدۇر. بالىلار ئوقۇشسىز، تەربىيەسىز تاشلىۋېتىلسە، ئائىلىگە تالاپەت، جەمئىيەتكە ئاپەت بولىدۇ. ئائىلىنى بۇزۇپ، بالىلىرىنى بەزدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خۇشاللىقىنىلا دەپ يۈرگەن ئاتا-ئانىلار جەمئىيەتتە جىنايەتكار، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار. ئائىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى بۇزۇلسا، مەھەللىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى بۇزۇلىدۇ. ياخشى ئوقۇپ ئىختىساسلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك ئادەم بولسا، خىزىردەك سالاپەتلىك، ساخاۋەتلىك، مۇرۇۋەتلىك ئادەم بولىدۇ. ياخشى ئوقۇماي بىلىمسىز، ھۆنەرسىز، مەدەنىيەتسىز، ئەدەپسىز بولسا، جىن-ئالۋاستىدەك ھەممە ئادەم يىرگىنىدۇ.

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى مەكتەپ تېمپېراتۇرىسى، جەمئىيەت ئاتموسفېراسى بىلەن مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئەدەپنى ئۆيدە، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى مەكتەپتە، قانداق ياشاش يولىنى جەمئىيەتتە ئۆگەنسە، تەلىم-تەربىيە مېۋىسىدىن شېرىن ھۇزۇر ئالالايسىز. بالا ئائىلىنىڭ زىننىتى. بالىنىڭ قەلبىنى زىننەتلەشكە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۆزىڭىزنى، يۈزىڭىزنى، كۆزىڭىزنى، كىيىمىڭىزنى، ئۆيىڭىزنى زىننەتلەشكە كۆپ كۈچ چىقارسىڭىز، چىرايلىق گۈل-چېچەك بىر بوراندا خازان بولغاندەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. نادان كىيىمگە ئامراق، ئاقىل بىلىمگە. ئاتا-ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە تەۋەررۈك مىراسلىرىمىزدىن: ئەخلاق-پەزىلەت، ئىلىم-ھېكمەت، ھۆنەر-سەنئەت، تېخنىكا-قابىلىيەت، پەلسەپە-پاساھەت، ئىلمى بالاغەت، كىتابى ھەقىقەت، فىقھى شەرىئەت بىلىملىرىنى بالىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، دەۋرگە مۇۋاپىق، ئەلگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلاھىي مەسئۇلىيىتى، ۋىجدانىي بۇرچى، ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىدۇر.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر