

خۈي جىڭ
2025-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان تۇنجى مەملىكەتلىك دىنىي ئالىي مەكتەپ بولغان جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى بۈگۈنگە قەدەر 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى توغرا ئوقۇتۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى تەپسىرشۇناسلىق ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ كەلدى.
1
جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ‐‐ ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، لى ۋېيخەن قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بىلەن قۇرۇلغان، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پېشقەدەم مەسئۇللىرى بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سابىق خۇيزۇمۇسۇلمانلار شۆيۈەنىنىڭ ئەرەب تىلى كۇرسى ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان بىردىنبىر دىنىي ئالىي مەكتەپ. 1955-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ يېڭى سەھىپىسى رەسمىي ئېچىلدى.
جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، بىر قەدەر يۇقىرى مەلۇمات ۋە مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە ئىسلام دىنىخادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانىدى. جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلاتتى، ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە تۆت يىل ئىدى. 1958-يىل 1-ئايدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى نيۇجيې كوچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان يېڭى مەكتەپ بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 9442 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسىي بىنا، ياتاق بىناسى ۋە ئاشخانىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقانىدى. تۆت قەۋەتلىك ئاساسىي بىنانىڭ فۇنكسىيەسى تولۇق، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، دەرسخانا، ئىشخانا، مەجلىسخانا، كۇتۇبخانا، قىرائەتخانا، نامازخانا قاتارلىقلار بار ئىدى. بەش قەۋەتلىك ياتاق بىناسى ۋە ئاشخانا ياراملىق ۋە چىرايلىق بولۇپ، بەش يۈز كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايتتى. يېڭى مەكتەپ بىناسى جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق نامايەندىسىگە ئايلاندى.
1966-يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى بىر مەزگىل تاقىلىپ قالدى. 1980-يىلى، مەركەزنىڭ ”جايلاردىكى دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش“ توغرىسىدىكى روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى تۇنجى قارارلىق ۋەزىپىدىكى ئىماملار كۇرسى ئاچتى. 1982-يىل 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن دىن ئىشلىرى ئىدارىسى جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەستىقلىدى، 10-ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى بىلەن، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى رەسمىي ئەسلىگە كەلدى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مۇيەسسەر بولدى. 1983-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شى جۇڭشۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشىنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى ياخشى ئېچىپ، دىنىي كەسپىي خادىملارنى پىلانلىق يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى («خەلق گېزىتى»نىڭ 1983-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى 2-بەت).
ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويدى. كۆپ قاتلاملىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، تولۇق كۇرس سىنىپى، مەخسۇس كۇرس سىنىپى، خىزمەتتىكى ئىماملار كۇرسى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپاسى ۋە ئىسلام دىنى كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتتى، 2001-يىلى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى مەملىكەت بويىچە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ بىرتۇتاش دەرسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەپ، ئون نەچچە يىلتىرىشىش ئارقىلىق دىنىي كەسپىي دەرس، ئاساسىي دەرس ۋە چەت ئەل تىلى دەرسىدىن ئىبارەت ئۈچ سىستېما بويىچە 15 دەرسلىك تۈزۈپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىرتۇتاش دەرسلىك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، مەملىكىتىمىزدىكى دىنىي ئالىي مەكتەپلەرگە باشلامچى بولدى. 2004-يىلى، شۆيۈەننىڭ نەشر ئەپكارى «شىنيۆخۇا»نى تەسىس قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئالاقە سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ھەققىدە توختاۋسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ”سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق– پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيىتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان“ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈردى. 2005-يىلى، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغىچە، جەمئىي 1064 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تايانچ كۈچلىرىگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى. 2011-يىلى، جۇڭگو ئىسلام دنىجەمئىيىتى مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسى»دا، شۆيۈەنگە كونكرېت تەلەپلەر قويۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلىرى، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئېنىق بەلگىلىنىپ، شۆيۈەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.
2
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. شۆيۈەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا ئوقۇتۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال شارائىتلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ”ئىككىگە پىشىق“ ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەپسىرشۇناسلىق ئىدىيەسى تەتقىقات بازىسى ۋە ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىسلام دىنى دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملىرىنى تەربىيەلەش بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ”شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى“، ”جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدىن ئومۇمىي بايان“، ”يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەۋەرلىك“ قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ”بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش“نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2016-يىلى بەش يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپى، 2017-يىلى ئىككى يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت سىنىپى، 2024-يىلى تۆت يىللىق دوكتور ئاسپىرانت سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق بىر گەۋدىلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپى، ئىماملارتولۇق كۇس سىنىپى، ماگىستىر ئاسپىرانت سىنىپى ۋە دوكتور ئاسپىرانت سىنىپى تەڭ تەسىس قىلىنغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسلام دىنى دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملار كۇرسى، ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرى ئوقۇتقۇچىلىرى كۇرسى قاتارلىق سىنىپلارنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دىن ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسلام دىنى دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قەدەممۇقەدەم شەكىللەندۈردى.
مەكتەپ مۇھىتى قۇرۇلۇشى جەھەتتە. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. 2016-يىلى، مەكتەپنى كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى، 22 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى مەكتەپ بىناسى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇبخانا ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە مەكتەپ تورى سەپلەندى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپلا قالماي، شۆيۈەننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئۇل سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، كۇتۇبخانا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش باشقۇرۇش تۈزۈمى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكى ۋە مەكتەپ تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
بىرتۇتاش دەرسلىك تۈزۈش جەھەتتە. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەزمۇنلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن دەرسلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، بۇرۇنقى بىرتۇتاش دەرسلىكلەرگە سىستېمىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كەسپىي دەرسلىك ۋە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك بىرتۇتاش دەرسلىكىنى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقتى. 2014-يىل 3-ئايدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەيئىتى قۇرۇپ، بىرتۇتاش دەرسلىك تۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. 2023-يىل 3-ئايدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ 2-يىغىنىدا، دىنىي ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن 12 يۈرۈش بىرتۇتاش دەرسلىك تۈزۈشنى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ خىزمەتنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نادىر دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە مۇكەممەل دىنىي ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە.
تەپسىرشۇناسلىق ئىدىيەسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، تىنچلىق، ئوتتۇرا يول، ئەپۇچانلىق ئىدىيەلىرىنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ رايىشلىق، ئەقلىيلىك خاراكتېرىنى بەرپا قىلىپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرىدىغان ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. ئىسلام دىنى تەپسىرشۇناسلىق ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنى تەپسىرشۇناسلىق ئىدىيەسى تېما قىلىنغان تەتقىقات ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، تەپسىرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان نەچچە ئون ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى تۈزۈپ، تەپسىرشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەققىدە يۈز نەچچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر نەچچە تەپسىرشۇناسلىق تەتقىقاتى تۈرلىرىگە باشچىلىق قىلدى. ۋەز ئېيتىش ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2014-يىل 4-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ۋەز ئېيتىش مۇسابىقىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكۈزدى. مەملىكەت بويىچە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ۋەز ئېيتىش مۇسابىقىسىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، ساغلام، مەدەنىي بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەۋر روھىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭدۈرۈشكە يېتەكلىدى.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى «دىنىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت بېكىتىش ۋە كەسپىي ئۇنۋان باھالاش چارىسى»، «دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش چارىسى» قاتارلىق نىزام-قائىدىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. 2024-يىل 12-ئايدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەيئىتى 2-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-يىغىنى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرى بىرلەشمە يىغىنىدا، «ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»، «ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۇنۋان باھالاش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»، «ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۇنۋان باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، « ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»، « ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ماقۇللاندى، «ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭئىسىملىكى»،«ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۇنۋان باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسىملىكى»،« ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭئىسىملىكى» ماقۇللاندى. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى جۇڭگو ئىسلام دىنىجەمئىيىتى ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئۇنۋانىنى باھالاش، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ قېلىپلىق قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، مۇنەۋۋەر كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كىرگۈزۈپ، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە بىلىم ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈنسايىن ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.
جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋەتەننى سۆيگەن، دىننى سۆيگەن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، خۇددى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئېيتقىنىدەك، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ”قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش“تىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دىنىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ئېغىشماستىن پارتىيە بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۆلەت بىلەن ئوخشاش يۆنىلىش، ماس قەدەمنى قەتئىي ساقلاپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن، ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان، پەزىلەت ۋە قابىلىيەت جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق يېڭى دەۋر ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار تىرىكى ھازىرلىشى كېرەك.
(ئاپتور «جۇڭگو دىنلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)