

6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئايرودۇرۇمغا ئۇزىتىش قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆمەكلىرى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ قايتىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ، بارلىق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھۆددە ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇپ دۆلەتكە قايتىشى ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى.
بۇ يىل دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ، تەرتىپلىك تەشكىللىشى ۋە جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىي يۈرۈش-تۇرۇشلىرى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

«جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» تورىدىن ئېلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان