

5-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن يۈننەن ئۆلكىسى ھەج ئۆمىكىدىكى 290 نەپەر ھەج قىلغۇچى ھەج ئۈچۈن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر يېتىپ باردى، بۇلار تۇنجى تۈركۈمدە سەئۇدىغا يېتىپ كەلگەن دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋاڭ چىمىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باش ئۆمەك باشلىقى مۇكېفا ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ماجۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ھەج قىلغۇچىلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە كۆپچىلىكىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شۇ كۈنى يەنە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ھەج ئۆمىكىدىكى 772 نەپەر ھەج قىلغۇچى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەدىنىگە بىخەتەر يېتىپ باردى. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە دۆلىتىمىز تەشكىللىگەن ھەج قىلغۇچىلار كەينى - كەينىدىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ باردى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ئەۋەتكەن مەدىنىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەج قىلغۇچىلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى.

«جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» تورىدىن ئېلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان