

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى 2025-يىللىق مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپى، ماگىستىر ئاسپىرانت سىنىپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئادىلجان ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ماجۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شىرىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سوڭ ئېنلىن مۇراسىمغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇكېفا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزىدە بارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ساۋاقداشلارنى باشتىن-ئاخىر دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قەلبىگە پۈكۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق– پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى ئۆگىنىش» تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.
مۇراسىمدا، دىپلوم ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى. ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئايرىم-ئايرىم تەسىراتىنى سۆزلىدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئانا مەكتىپىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى.
«جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» تورىدىن ئېلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان